Get Even More Visitors To Your Blog, Upgrade To A Business Listing >>

ئىلمىي ماقالە ۋە ئۇنى يېزىشتا ساقلانغان مەسىلىلەر

ئىلمىي ماقالە ۋە ئۇنى يېزىشتا ساقلانغان مەسىلىلەر
ئىلمى ماقالە-مەلۇم بىر ساھەدىكى ئىلمى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن تەكشۈرۈش، تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىلمى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بايان قىلىدىغان نەزەرىيىۋى ماقالىدۇر.مەيلى تەبىئي پەن ياكى ئىجتىمائىي پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بولسۇن، ئۆزىنىڭ شەخسى پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىنى، ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئىلمىي ماقالە ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كاللىسىدا مەلۇم بىر تېما ئۈستىدە ئاللىقاچان ئويلىنىپ بولغان، ماتېرىياللارنى توپلاپ بولغان بولسىمۇ، ئۇنى قەغەز يۈزىگە ئىلمىي ماقالىنىڭ تەلىپى بويىچە چۈشۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشتا مەلۇم قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلمەكتە.گەرچە بەزى ماقالىلىرىدە يېڭى تېما يورۇتۇلغان، يېڭىچە تەتقىقات ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان، كىشلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، شەكلى ئۆلچەملىك بولماسلىق، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق، مەزمۇنى چېچىلاڭغۇ بولۇش سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنماي بىر ياققا تاشلىنىپ قالماقتا.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنىڭ كەمچىل بولىشى ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقىمىزدا بەزى ناچار خاھىشلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولماقتا.مەن بۇ يازمىنى ئەنە شۇنداق كىشىلىرىمىزگە ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالار دېگەن مەقسەتتە تەييارلىدىم. بۇ ئارقىلىق قېرىنداشلارغا ئازراق نەپ يەتسە، مەن شۇنىڭدىن مىننەتدار.تۆۋەندە ئىلمىي ماقالىنىڭ ئالاھىدىلىكى، يېزىلىش شەكلى، قۇرۇلمىسى، نۆۋەتتە بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.


1. ئىلمى ماقالىنىڭ ئالاھىدىلىكى



ئىلمى ماقالە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە:

1) ئىلمىيلىكى.

ئىلمى ماقالىنىڭ ئىلمىيلىكى ئاپتوردىن ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان مەسىلىگە نىسبەتەن شەخسىي ھېسسى كۆز قاراشلارنى، سوبيېكتىپ ئويدۇرمىلارنى ئارىلاشتۇرماستىن، ئەمەلىيەتكە ماس كېلىدىغان يەكۈن چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆز قاراشنى ئىسپاتلاش جەريانىدا ئامالنىڭ بارىچە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تولۇق توپلاپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىكلىرىنى پاكىت قىلىش، يەكۈنلەرنى پاكىت ئاساسىدا قايتا-قايتا ئويلىنىپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

2) ئىجادىيلىق

ئىلمىي تەتقىقات بولسا يېڭى بىلىملەر ھەققىدىكى ئىزدىنىش.ئىجادىيلىق ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ جېنى.ئىلمى ماقالىنىڭ ئىجادىيلىقى ئاپتورنىڭ مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆزىگە خاس چۈشەنچىسىنىڭ بولىشى، يېڭى كۆز قاراش، يېڭى نەزەرىيىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

چۈنكى، ئىلمىيلىك ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، يېڭى ھادىسلەرنى بايقاش، يېڭى نەزەرىيىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ۋاسىتە. ئىجادىيلىق بولمىسا، ئىلمى ماقالىنىڭ ئىلمىيلىك قىممىتى بولمايدۇ.

3) نەزىريىۋىلىك

ئىلمىي ماقالە شەكىل جەھەتتىن مۇھاكىمە ماقالىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ، ئەمما ئۇ ئادەتتىكى مۇھاكىمە ماقالىلىرىدىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭدا جەزمەن مەلۇم بىر يېتەكچى نەزەرىيە بولىدۇ، ماتېرىياللارنى كۆرگەزمە قاتارىدا تىزىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ. نۇرغۇن ئەمەلىي مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئانالىز قىلىش، تەتقىق قىلىش، ئەسلىدىكى ئويلىغان ھېسسى كۆز قاراشلارنى ئەقلىي كۆز قاراشلارغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تارىخىي ماتېرىيالىزم ۋە دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولىشى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشى، ئانالىز قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللانغان بولىشى لازىم.
4) چۈشىنىشلىك بولۇش

بۇ ئاساسلىقى ئاممىباب تىل ئارقىلىق ئىلمى ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىش، ئىشلەتكەن تىل توغرا، ئېنىق، ماسلاشقان، ئىخچام، جانلىق بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.



2. ئىلمى ماقالىنىڭ يېزىلىش شەكلى



1)ماقالىنىڭ تېمىسى ( خەت شەكلى باشقىلارغا قارىغاندا چوڭ ۋە ئۆزگىچە بولۇش)

2) قوشۇمچە تېما

3) ئاپتور ( ئىسىم-فامىلىسى، خىزمەت ئورنى،)

4) پوچتا نومۇرى

5) قىسقىچە مەزمۇنى( ئادەتتە 150-200 خەتكىچە)

6) ئاچقۇچلۇق سۆز ( 2-4كىچە، ھەر بىر سۆز ئارىلىقىدا مەلۇم بوشلۇق بۇلۇش)

7) تېكىست

8) تېكىست ئىچىدىكى تېمىچاقلار

9) ئىزاھلار( ئاپتۇر، ماتېرىيال نامى، بەت نومۇرى، قۇر نومۇرى)

10) پايدىلانغان ماتېرىياللار(ئاپتۇر‹ تۈزگۈچى ياكى يازغۇچى›، ماتېرىيال ئىسمى، نەشرىيات، قايسى يىل، ئاي، كۈن نەشىر قىلىنغان، قانچىنچى نەشرى)، بارلىق ئۇچۇرلار مۇشۇ تەرتىپ بويىچە يېزىلىدۇ. بۇ ھەر قايسى ژۇرناللار ئورتاق ئىشلىتىدىغان تەرتىپىدۇر.

11) مىننەتدارلىق خېتى

12) قوشۇمچە

بارلىق ئۇچۇرلار مۇشۇ تەرتىپ بويىچە يېزىلىدۇ. بۇ ھەر قايسى ژۇرناللار ئورتاق ئىشلىتىدىغان تەرتىپىدۇر.
3. ئىلمى ماقالىنى يېزىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى



(1)تېما تاللاش ۋەماتىرىيال توپلاش

(3)تېزىس يېزىش

(4)ماتېرىيال ئاساسىدا تەھلىل قىلىش ۋە تېكىستىنى يېزىش

(5)خۇلاسە

1)تېما تاللاش ۋە ماتېرىيال توپلاش

تېما تاللاش ئىلمى ماقالە يېزىقچىلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا.چۈنكى، تەتقىقات ئەھمىيىتى بار تېما بولغاندىلا، ئاندىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى، رېئال تۇرمۇشقا پايدا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. تېما تاللاشتا تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش لازىم:

(1) ئىلمى بولۇش. ئۇ جەزمەن جىددى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى يېڭى بايقاش بولىشى؛ ئىلمى تەتقىقات ساھەسىدىكى كەم قالغان جايلارنى تولۇقلىيالايدىغان بولىشى كېرەك.

(2) قانات يايدۇرۇشقا پايدىلىق بولىشى لازىم.

بۇ تاللىغان تېمىغا نىسبەتەن كۈچلۈك قىزىقىش بولۇش، ئۆز سەۋىيىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش؛ ئاۋال ئاددى ئاندىن قىيىن بولۇش، چوڭ كىچىكلىكى مۇۋاپىق بولۇش.ئاللىقاچان مۇشۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنى توپلىغان بولۇش.مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە يېزىپ تۈگىتىش لازىم.

تېما تاللاش ئۇسۇلى:

(1) تېما بېكىتىشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇش. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بۇ مەسىلىنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى تەتقىقات ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تولۇقلاشقا تېگىشلىك جايلىرىنى تېپىپ چىقىش. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈتۈپخانىلارغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك ژۇرنال ۋە كىتابلارنى كۆرۈش. مۇشۇ ئاساستا ماتېرىيال كارتىسى تۇرغۇزۇش لازىم. بۇ خىل كارتا بۇرۇنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن باشلىنىپ يىل تەرتىۋى بويىچە رەتلىنىشى كېرەك. كارتىنى يېزىش ئۇسۇلى: ئاپتۇر، تېما، ژورنال نامى، بەت نۇمۇرى، قايسى سان قاتارلىقلار.

(2)تەسەۋۇر كۈچىگە تايىنىپ ئاكتىپ پىكىر قىلىش.ماتىرىيال توپلاپ كارتا تۇرغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن بۇلارنى تۈرگە ئايرىپ رەتلەش، رەتلەش جەريانىدا ماقالە تېمىسىنى قانداق قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىش.ئانالىز قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، خۇلاسىلاش، تۈرگە ئايرىش، قوشۇش ۋە قىسقارتىش قاتارلىق ئىلمى تەتقىقات ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ يېڭى تېمىنىڭ كەم جايلىرىنى بايقاش لازىم.

(3) تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ماتىرىيال ئىلمى تەتقىقاتنىڭ ئاساسى، تەييار ماتىرىياللارنى توپلاش ۋە ئاختۇرۇشتىن باشقا، بەزىدە يەنە ئىلمى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشمۇ ناھايىتى موھىم.تەكشۈرۈش ئۆزى بىۋاستە نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ۋە راي سىناش ۋاراقچىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈش دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئۆزى بىۋاستە تەكشۈرۈش: يىغىن ئېچىش، قېدىرىپ تەكشۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش شەكىللىرىدە بولىدۇ. تەكشۈرۈش جەرياندا ئەسلى ماتىرىياللارنى توپلاش، رەسىم تارتىش، سۆرەتكە ئېلىش، ئاۋاز ئېلىش ياكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى كۆپەيتىۋىلىش لازىم.



2) تىزىس يېزىش



(1)تېمىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى

(2)ئەھمىيىتى

(3)ئىجادى تەرىپى

(4)قوللانغان تەتقىقات ئۇسۇلى

(5)ئالدىن بېكىتىلگەن مۇندەرىجىسى



3)ماقالە تېكىستىنى يېزىش



(1) كىرىش سۆز

(2) باشلاش

(3) ھةر بىر جۈملىنى ئاۋال ئويلاپ، ئاندىن قةغةز يۈزىگة چۈشۈرۈ ش.

(4) ئابزاس ۋة بۆلةكلةرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش

(5) تېكىست ئىچىدىكى تېمىچاقلارنىڭ لوگىكىلىق باغلىنىشىغا دىققەتةت قىلىش

(6)خۇلاسىلاش



4.ئىلمىي ماقالە يېزىش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر



نۆۋەتتە ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم نوقسانلارنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1)كۆچۈرمىكەشلىك

2)قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك بولماسلىق

3)مەزمۇنى چېچىلاڭغۇ بولۇش

4)دورامچىلىق

5)قىيىن نوقتىلاردىن ئۆزىنى ئەپ قىچىش

6)ماقالە سودىگەرچىلىكى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىش

7)تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەمچىل بولۇش

8)ھېسسىياتىغا تايىنىپ قارىغۇلارچە ھۆكۈم چىقىرىش

9)ماتېرىيال مەنبەسى تېيىز بولۇش

10)ئىلمى ماقالىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان خادىملار مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش

11)يېزىلغان ماقالىلەرگە قارتا ئىلمى باھالاش كەمچىل بولۇش

لوپنۇرى

بۇ ماقالە لوپنۇرى بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://lopnuri.blogbus.com/logs/34253518.html


This post first appeared on كۈركۈم گۈلى, please read the originial post: here

Share the post

ئىلمىي ماقالە ۋە ئۇنى يېزىشتا ساقلانغان مەسىلىلەر

×

Subscribe to كۈركۈم گۈلى

Get updates delivered right to your inbox!

Thank you for your subscription

×